خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سۇ بايلىقى مەنبەلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشنى تەكىتلىمەكتە
2024.01.15
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 14-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان مەخسۇس يىغىندا «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ مۇناسىۋەتلىك يوليورۇقى، شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىنائەن سۇ بايلىقى مەنبەسىنى ئەڭ قاتتىق دەرىجىدە كونترول قىلىش، شۇ ئارقىلىق يېشىل كانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈش» لازىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتقان نۆۋەتتىكى سۇ بايلىقىنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ بىر بالداق يۈكسەلگەن ھالدا «مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش باشقۇرۇش» مېخانىزمى بويىچە كونترول قىلىش نۆۋەتتىكى سۇ بايلىقى ساھەسى ئۈچۈن مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ قالغان. خەۋەردە بۇ ئەھۋال توغرىسىدا توختىلىپ «يېشىل كانچىلىق كەسىپلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش توپى نۆۋەتتىكى سەككىز چوڭ كەسىپلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش توپىنىڭ بىرى. مەزكۇر كەسىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كېپىللىك قىلىش ئۈچۈن سۇ بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك ۋە تولۇق پايدىلىنىش، بىخەتەر سۇ ئىشلىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش زۆرۈر» دېيىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، سۇ بايلىقى يالغۇز يېشىل كانچىلىق سانائىتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى بولغان ئېنېرگىيە ساھەسىنى تەمىنلەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە باشقا ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش خىزمىتى ئۈچۈنمۇ ئاچقۇچلۇق ئامىللاردىن بىرى ھېسابلىنىپ كەلگەن. يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۈەن سىستېمىسى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان سۇ مەنبەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى كونترول قىلىپ كەلگەن بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ساھەسىنىڭ جان تومۇرى بولۇۋاتقان سۇ بايلىقى بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ كەلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقىش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر مۇھىم نامايەندىسى «سەككىز چوڭ كەسىپلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش توپى قۇرۇلۇشى» بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىلا كەسىپلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن غايەت زور مىقداردىكى سۇ بايلىقىغا موھتاج ئىكەنلىكى مەلۇم.