ئامېرىكىدا ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر يەنە بىر ئەسەر نەشر قىلىنماقچى
2016.05.03
ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى بولغان ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى بۇ يىل ئۆكتەبىردە كىم كۇاڭمىن يازغان «چېگرا رايون كاپىتالىزمى: تۈركىستاننىڭ مەھسۇلاتلىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ كۈمۈش تەڭگىلىرى ۋە شەرق بازىرىنىڭ دۇنياغا كېلىشى» ناملىق كىتابنى نەشر قىلىش پىلانىغا كىرگۈزگەن.
مەزكۇر نەشرىياتنىڭ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى كىم كۇاڭمىن ئامېرىكىدىكى كولارادو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى بولۇپ، 2008-يىلى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان.
ئۇنىڭ مەزكۇر ئەسىرى 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى مانجۇلار ئۇيغۇرلار دىيارىغا كېڭىيىش جەريانىدا تۇرپان ۋە قۇمۇل تەۋەسىدىكى يەرلىك بەگلەر بىلەن قانداق ئالاقىدە بولغانلىقى، شۇنداقلا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىنى بويسۇندۇرۇش يولىدا قوللانغان ئىقتىسادىي تەدبىرلىرى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنغان.









