خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان ئارخېئولوگلىرى تارىختىكى تۇخارلار بىلەن كۇشان ئىمپېرىيەسىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە بىرلەشمە دوكلات ئېلان قىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-10-03
Share

ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان «مەركىزىي شەھەر ئىستېمالچىلار گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان ئارخېئولوگلىرى تارىختىكى تۇخارلار بىلەن كۇشان ئىمپېرىيەسىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە بىرلەشمە دوكلات ئېلان قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا شىئەندە ئېچىلغان «بىر يول بىر بەلۋاغ» خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا جۇڭگو غەربىي-شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتى بىرلىكتە «يىپەك يولىدىكى تارىخ، مەدەنىيەت ۋە ئارخېئولوگىيە نەتىجىلىرى» ناملىق بىرلەشمە دوكلاتنى ئېلان قىلغان.

بىرلەشمە دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىككى تەرەپنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئارخېئولوگىيەلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈشى داۋامىدا بايقالغان تېپىلمىلار شۇنى كۆرسەتتىكى، نۆۋەتتە خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە قەدىمكى كۇشان ئىمپېرىيەسىنى تۇخارلار قۇرغان دېگەن قاراش ئەمدىلىكتە پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ. بىز قولىمىزدىكى مول تارىخىي ۋە ئارخېئولوگىيەلىك ئۇچۇرلارغا تايىنىپ، تۇخارلارنىڭ كۇشان ئىمپېرىيەسىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ تارىختا كۇشان دۆلىتى تەرىپىدىن يوقىتىلغانلىقىنى پەرەز قىلدۇق.»

بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارادا ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تارىخچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى، بۇ ھۆكۈمنىڭ ئىسپاتلىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقات، كۆپ تەرەپلىك تارىخىي ئۇچۇر ۋە ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلار بولۇشى كېرەك، دەپ قارىماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت