خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتى ئارقىلىق خىتاي شىركەتلىرىگە پايدا يارىتىشنى كۆزلىمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.08.29

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئۈرۈمچىدە «ئۇيغۇر دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى خەلقئارا سانائەت باغچىسى» نىڭ قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلانغان. بەش مىليارد سوم (تەخمىنەن 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) مەبلەغ سېلىنغان بۇ ئومۇمىي باغچە كۆلىمى 400 مو ( تەخمىنەن 66 گېكتار) غا يېقىن بولۇپ، تاماملانغاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ دورا سانائىتى باغچىسى بولۇپ قالىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى» 2001-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئۆسۈملۈكلەرنى تىكىش، تەتقىقات ۋە تەرەققىيات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بىرلەشتۈرۈلگەن، شۇنداقلا تولۇق كەسىپلەشكەن زەنجىرسىمان كارخانا ھېسابلىنىدىكەن. نۆۋەتتە بۇ زور كۆلەملىك خەلقئارا سانائەت باغچىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملىنىش مۇددىتى ئالتە يىلدىن سەككىز يىلغىچە بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.

دەرۋەقە، نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ تەبىئىي دورىلارغا بولغان مايىللىقىنىڭ ئېشىشى ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتىنىڭ كۈنسېرى تونۇلۇپ ئۆزىنى ئىسپاتلىشى بۇ ساھەنى خەلقئارا بازارغا ئېچىلىدىغان مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلەۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ پۇرسەتلەردىن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تېۋىپلار ۋە دورىگەرلەرگە خىتاي تىلى ئىمتىھانى ئۆتكىلى قويۇش، ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتى شىركەتلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە قوشۇۋېتىش ۋە ھەمدە بۇ ساھەدە تۇنجى زاۋۇت قۇرغان دوكتور خالمۇرات غوپۇر قاتارلىقلارنى تۇتقۇن قىلىشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆز مىللىي تېبابىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە بازارغا يۈزلەندۈرۈشتىن چەكلەۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي دورا شىركەتلىرى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى دورا رېتسېپلىرى ۋە ماتېرىياللىرىنى «جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى تېبابەت دورىلىرى» دېگەن نامدا قىممەتكە ئايلاندۇرماقتا.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ يۇقىرىدىكى خەۋىرىدىمۇ، ئۇيغۇر دورىگەرلىكى سانائەت باغچىسىنىڭ جۇڭخۇا مىللىي تېبابەتچىلىكىنىڭ سانائەت ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى بولۇپ قالىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.