ئامېرىكادىكى بازار ئانالىزى تورى ئۇيغۇر تېبابىتى بازىرىنىڭ كېڭىشى ۋە ئۇنىڭدىكى ئاچقۇچلۇق شىركەتلەر توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى

ئامېرىكادىكى «ئوربىس تەتقىقاتى» ناملىق بىر بازار ئانالىزى تورى ئۇيغۇر تېبابىتى بازىرىنىڭ كېڭىيىشىدىكى ئامىللار ۋە ئۇنىڭدا ئاچقۇچلۇق رول ئويناۋاتقان شىركەتلەر توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا، ئۇيغۇر تېبابىتى بازىرىنىڭ سودىسى، كىرىمى، ئۇنىڭدىكى ئاچقۇچلۇق پارچىلارنىڭ باھاسى، ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ئۇيغۇر تېبابەت بازىرىنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالغان ھالقىلىق كۆرسەتكۈچلەر ۋە مەزكۇر بازار ئەھۋالىغا ئالاقىدار تەپسىلىي پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. «ئۇيغۇر تېبابەت بازىرىنىڭ ئۆسۈشىدىكى ئامىللار ۋە ئاچقۇچلۇق شىركەتلەر» ناملىق دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر تېبابەت بازىرىدا ئاچقۇچلۇق رول ئويناۋاتقان 10 شىركەتنىڭ ئىسمى كۆرسىتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىركەتلەر ئىكەن. دوكلاتتا، بۇ 10 شىركەتنىڭ شىنجاڭ شىپاۋېي دورىگەرلىك گۇرۇھى، شىنجاڭ چىكاڭ خابوۋېي تېبابەتچىلىك شىركىتى، خوتەن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك شىركىتى، شىنجاڭ تېبابەتچىلىك بىئو-قۇرۇلۇش شىركىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ يىندو لەنۋېي تېبابەتچىلىك شىركىتى قاتارلىقلارنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. لېكىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرىقى 10 شىركەتنىڭ بۇ ساھەدىكى سودىسى خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنى بىلەن تەڭ تېخىمۇ گۈللەنگەن بولۇپ، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ بارلىق تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئىگە بولغان.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تېبابىتى مۇتەخەسىسلىرى چوڭ تۇتقۇندا دوكتور خالمۇرات غوپۇرغا ئوخشاش ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى سەرخىللەرنىڭ سىستېمىلىق باستۇرۇلغانلىقى، بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن پاتېنت ۋە تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىپ، بۇ ساھە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تالان-تاراج قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. «ئوربىس تەتقىقاتى» تورىنىڭ ئېيتىشىچە، دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا، گېرمانىيە، كانادا، ئەنگلىيە، بىرازىلىيە، خىتاي، رۇسىيە، يېڭى زېلاندىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تېبابىتى بازىرى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلۈپ، ئاندىن رايون ئېكسپورتىنىڭ يۈزلىنىشى بىر قەدەر تەپسىلىي بايان قىلىنغانىكەن.