ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 15-ماي كۈنى، ئۈرۈمچىدە «جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنى» چاقىرغان. يىغىندا «جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» تەكىتلەنگەن. شۇ كۈنى يىغىندا يەنە ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى» نىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن.
خىتايچە «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ۋە ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازلار بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، «خىتاي تېبابىتى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك» دېگەن يوليورۇقلارنى بەرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى، مائارىپى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى يوقىتىش خاراكتېرلىك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» دەپ ئاتاپ كەلگەن ئىدى؛ ئەمدىلىكتە بۇ ئاتالغۇنى «خىتاي تېبابىتى دورىگەرلىكىنى ئۇيغۇر رايونىدا راۋاجلاندۇرۇش» ئۈچۈن قوللىنىشى دىققەت قوزغىماقتا.
بۇ ھەقتە رادىيومىز مۇخبىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ۋە ئاز دېگەندە 2500 يىللىق ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان ئەنئەنىۋى «ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتى» نى خىتاي تېبابەتچىلىكىنىڭ بىر قىسمىدەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى. بۇ قېتىم دائىرىلەرنىڭ مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، خىتاي تېبابىتى دورىگەرلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەكىتلىشى ھەمدە بۇنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تەشۋىق قىلىشى مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشىدىن دېرەك بەرمەكتە.