خىتاينىڭ تەنتەربىيەگە مەسئۇل ئەمەلدارى، شىنجاڭغا تەنتەربىيەدىكى نىشانلىق ياردەمنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» غا خىزمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان
2024.06.14
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاقگەۋدىسى ئېڭى» بەرپا قىلىش نامىدىكى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى تەنتەربىيە ئارقىلىقمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى تەلەپ قىلىنماقتا.
خىتاينىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالىي ئەمەلدارى، 13-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غۇلجا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭغا تەنتەربىيەدە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى» دا، خىتاي تەنتەربىيە سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشى «چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بەرپا قىلىشنى ئاساسى چىقىش نۇقتىسى قىلىشى كېرەكلىكى» نى تەلەپ قىلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنيازمۇ قاتناشقان بۇ يىغىندا، خىتاي دۆلەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە پارتىيە سېكرېتارى گاۋ جىدەن يۇقىرىقى تەلەپتە بولغان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك تەنتەربىيە سىستېمىسى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر قايسى ئورگانلار «چوقۇم پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋرىدىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق، توغرا ۋە ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك» ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق ئىشلاردا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بەرپا قىلىش» نى چىقىش نۇقتىسى قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، بىراق بۇ تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ تەنتەربىيەگە مەسئۇل بىر ئالىي ئەمەلدارىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تەنتەربىيەدە نىشانلىق ياردەم بېرىشتىمۇ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى چىقىش قىلىشنى تەكىتلىشىدۇر. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بەرپا قىلىش» سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى خىتايلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى چىقىش قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زۇۋانى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 14-ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا گاۋ جىدەن «تەنتەربىيەدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ قىممەتلىك تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەش» نى تەلەپ قىلغان. ئۇ «چوقۇم باشتىن-ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بەرپا قىلىشنى ئاساسىي چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، چوقۇم تەنتەربىيەنىڭ ‹تۆت ئىقتىدارى› نى تەتبىقلىشىمىز…تەنتەربىيەدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى نورماللاشتۇرۇپ شىنجاڭ ئاممىۋى تەنتەربىيەسىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشىمىز، بۇ ئارقىلىق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا ھەمدەمدە بولۇشىمىز كېرەك» دېگەن.