بوكس ماھىرى ئەخمەتجان مەمەت خىتاي بويىچە چېمپىيون بولغان

«خىتاي ئۇيغۇرچە رادىيو تورى» بەرگەن خەۋەردىن قارىغاندا، 19-سېنتەبىر ئاياقلاشقان خىتاينىڭ دۆلەتلىك 14-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بوكس تۈرىنىڭ 91 كىلوگىراملىقلاردىن يۇقىرى دەرىجىسى بويىچە ئۇيغۇر بوكس ماھىرى ئەخمەتجان مەمەت خىتاي بويىچە چېمپىيون بولغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەخمەتجان مەمەت شەنشى كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇ ئىنتايىن زور ئۈستۈنلۈك بىلەن شەندۇڭ ماھىرى ۋاڭ شىشىڭنى يېڭىپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەخمەتجان مەمەت 1995-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسى باغچى يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ 2011-يىلى قەشقەر تەنتەربىيە مەكتىپىگە، 2012-يىلى شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا تاللانغان ئىكەن.

ئۇ 2017-يىلى تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ دۆلەتلىك 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ بوكس تۈرى 91 كىلوگىراملىقلاردىن يۇقىرى دەرىجىسى بويىچە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن ئىكەن.

ئالدىنقى كۈنى «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» جېجياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي دۆلەتلىك پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە «شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى» نىڭ ئىككىنچى بولغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي دۆلەتلىك پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان 62 يىلدىن بۇيان مەزكۇر كوماندا ئېرىشكەن تارىخىي نەتىجە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئىدى.