ئىككى ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچى چاڭغىدا سەكرەش بويىچە بىرىنچى بولدى
2016.02.14
يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدىكى«شۇڭقار» خەلقئارا مۇسابىقە مەيدانىدا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ چاڭغىدا سەكرەش مۇسابىقىسىدە ئىككى ئۇيغۇر ئۆسمۈر تەنھەرىكەتچى بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن.
قازاقىستاندا چىقىدىغان«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن 2000 - 2006 - يىللىرى ئارىسىدا تۇغۇلغان ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ مەملىكەتلىك چېمپىيونلۇقنى تالىشىش بويىچە چاڭغىدا سەكرەش مۇسابىقىسىدە،2004 - 2006 - يىللىرى ئارىسىدا تۇغۇلغان ئۆسمۈر ماھىرلار گۇرۇپپىسىدا ئۇيغۇر ماھىرى ئىلشات قادىروف 34 ۋە 35 مېتىر ئارىلىققا سەكرەپ، بىرىنچى ئورۇننى ئالغان. 2000 - 2003 - يىللىرى ئارىسىدا تۇغۇلغان ماھىرلار گۇرۇپپىسىدىن ئىسلام تۇردىباقىيېف 42 ۋە 39 مېتىر ئارىلىققا سەكرەپ بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگن.
بىرىنچى ئورۇننى ئالغان مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇر پەرزەنتى قازاقىستان دۆلەتلىك تەنتەربىيە ۋە ساياھەتچىلىك ئاكادېمىيەسىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلاردىن مەزكۇر چاڭغىدا سەكرەش تەنھەرىكەت تۈرى بويىچە پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە نەتىجە ئالغان شۇنىڭدەك قازاقىستاننىڭ چاڭغىدا سەكرەش بويىچە تۆھپىكار كەسپىي مەشقاۋۇلى تۇيغۇن ناسىروفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازاقىستان بويىچە بىرىنچىلىكىنى ئالغان مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇر چاڭغىدا سەكرەش ماھىرى 2017 - يىلى، ئالماتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 28 - قېتىملىق دۇنيا ئۇنىۋېرسىتېتلار قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىكەن.
28 - قېتىملىق قىشلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2017 - يىلى، 28 - يانۋاردىن 8 - فېۋرالغىچە ئالماتادا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ماھىرلارنىڭ ياش ئۆلچىمى 17 ياشتىن 28 ياشقىچە بولۇشى كېرەك ئىكەن.









