ئۇيغۇر تەشكىلاتى ياۋروپا ساياھەت شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا ساياھەت تەشكىللەشنى توختىتىشقا چاقىردى

ياۋروپا، شۇنداقلا شىمالى ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەدىكى ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن پايدا تېپىش» نى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 21-مارت چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ساياھەت شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا ساياھەت تۈرى تەشكىللەشنى توختىتىشقا چاقىرغان.

مەزكۇر تەشكىلات چاقىرىقىدا، «شەرقىي تۈركىستان» غا ساياھەت ئۆمىكى تەشكىللەشنىڭ رايوندا داۋاملىشىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە شېرىك بولۇپ قېلىش خەۋپى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇنىڭ ئالدىدا، يەنى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسارىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى سەككىز ياۋروپا ساياھەت شىركىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا داۋاملىق ساياھەت تۈرى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ياۋروپا، شۇنداقلا شىمالى ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەدىكى ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن پايدا تېپىش» نى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى چاقىرىقىدا، بەزى ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ رايونغا داۋاملىق ساياھەت تۈرى يولغا قويۇۋاتقانلىقى، بۇ شىركەتلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولغان ئەھۋالدىمۇ ساياھەتنىڭ «ياخشىلىق رولى» نى ئوينايدىغانلىقىنى قەيت قىلىۋاتقانلىقى، ئەمما بۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ئۈچۈن مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى ھېنرىك شاجىۋىسكىي، «ساياھەت تۈرى تەشكىللەش ۋە تونۇتۇش پۈتۈنلەي مۇۋاپىق بولمايدىغان ۋاقىتلار بار، (ئۇيغۇر دىيارى) ئەنە شۇنداق ۋاقىتلارنىڭ بىرى» دېگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ چاقىرىقى بەزى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېنغا خەت يېزىپ، ئامېرىكالىقلارغا «ئۇيغۇر دىيارىنى ساياھەت چەكلەنگەن رايون» دەپ ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياغا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى «نورمال» دېگەن سىگنالنى بېرىش ئۈچۈن خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كەڭ كۆلەملىك «سىياسىي ساياھەت» تۈرلىرىگە تەشكىللىمەكتە ئىكەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org