ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى خىتاي ۋە رۇسىيە مۇخبىرلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىنى كۆپرەك ماختاپ قويۇشنى تەلەپ قىلغان

خەلق تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ شىنخۇا، جۇڭگو خەلقئارا رادىيوسى ۋە شۇنداقلا رۇسىيەدىكى بىر قىسىم ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى 22-ئۆكتەبىردىن 25-ئۆكتەبىرگىچە ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خەلق تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ شىنخۇا، جۇڭگو خەلقئارا رادىيوسى ۋە شۇنداقلا رۇسىيەدىكى بىر قىسىم ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى 22-ئۆكتەبىردىن 25-ئۆكتەبىرگىچە ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە كەلگەن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «تاراتقۇلار، ئامما ئۇچۇرغا ئېرىشىدىغان مۇھىم مەنبە، بىز مۇخبىرلار ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭدا كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرى ۋە ئويلىغانلىرى ئارقىلىق سىرتتىكىلەرگە ئەڭ ھەقىقىي بىر شىنجاڭنى چۈشەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شىنجاڭ ئىنتايىن زامانىۋى، ئېچىۋېتىلگەن، دوستانە ماكان، شىنجاڭ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى جاي» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان مەخسۇس چەتئەللەردە ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى ئىجابىي تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتىش توغرىسىدا يىغىن ئېچىپ، بۇندىن ئىلگىرىمۇ بىر يول، بىر بەلۋاغ ئىستراتېگىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىرلىرىنى زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلاردىنمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاق، شاد-خۇرام، باي - باياشات ياشاۋاتقان جايلىقىنى تەشۋىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ھالبۇكى، خەلقئارا چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ۋە مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتايدا خىزمەت قىلىدىغان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ بېرىشى ئەڭ قېيىن جايلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار ئۇ يەرگە مۇخبىرلارنىڭ بېرىش رۇخسىتى ئالالمايدىغانلىقىنى، بارغان تەقدىردىمۇ ئېغىر تەقىب ۋە ھەتتا تەھدىت سەۋەبىدىن، خىزمەت قىلىشىنىڭ ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org