ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان ئەڭ يېڭى كىتاب - «قەشقەردە قايتا ئۇچرىشىش» ئەنگلىيەدىكى برىل نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتىكەن.
مەزكۇر كىتاب ئۇيغۇر تەتقىقاتى ساھەسىدىكى 16 نەپەر تەتقىقاتچىنىڭ ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخى، فولكلورى شۇنداقلا بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەققىدىكى ئانتروپولوگىيەلىك تەتقىقاتلارغا بېغىشلانغان ئىلمىي ماقالىلىرىدىن ھەمدە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىل- يېزىقىدىكى تارىخىي ھۆججەتلەر ۋە ۋەسىقىلەردىن تەشكىل تاپقان ئىكەن.
مەزكۇر كىتاب مەشھۇر شىۋېت ئۇيغۇرشۇناسى گۇننار ياررىڭنى ياد ئېتىش مۇناسىۋىتى بىلەن 2013-يىلى دانىيەنىڭ كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ماقالىلىرى ئاساسىدا يورۇقلۇققا چىققان.
«قەشقەردە قايتا ئۇچرىشىش» ناملىق بۇ كىتابنى كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلدىكو بېللەر خان، سىتوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بىرگىت شىلىتېر، ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى جۇن سۇگاۋارا قاتارلىقلار نەشرگە تەييارلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، «قەشقەردە قايتا ئۇچرىشىش» ناملىق بۇ كىتاب برىل نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتى ساھەسىدە نەشر قىلىش ئالدىدا تۇرغان يەنە بىر يېڭى كىتابى بولۇپ، مەزكۇر نەشرىيات يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تەتقىقاتى ساھەسىدە كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلەرنى يورۇقلۇققا چىقارغان.