2 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى پارىژ ۋە برۇسسېل شەھەرلىرىدە ئېچىلىدۇ

2 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن بۇ قېتىم پارىژ ۋە برۇسسېل شەھەرلىرىدە ئېچىلىدىكەن.


2 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن بۇ قېتىم پارىژ ۋە برۇسسېل شەھەرلىرىدە ئېچىلىدىكەن.

ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى مەركىزىي ئاسىيا پروگراممىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، يىغىننىڭ دەسلەپكى قىسمى مۇشۇ ئاينىڭ 17 - ۋە 18 - كۈنلىرى بىريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. يىغىننىڭ ئىككىنچى قىسمى20 - نويابىرف فىرانسىيەدىكى پارىژ سىياسەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنغا ئامېرىكا رۇسىيە، فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە ئەنگلىيە، تۈركىيە،قازاقىستا، خوڭكوڭ قاتارلىق دۆلەت - رايونلاردىكى دۇنيادا كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى، نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتىدىكەن.

يىغىننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىكى ئۆتكەن يىلى 25 - سېنتەبىر ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان ئىدى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org