ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق خىتاي خەۋپسىزلىك قىىسملىرى نۆۋەتتە تىبەت قاتارلىق باشقا چېگرا رايون خەۋپسىزلىك قىسىملىرى بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقىنى جىددىي كۈچەيتمەكتىكەن.
«خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قىسىملىرى بىلەن چىڭخەي ئۆلكىلىك خەۋپسىزلىك قىىسملىرى چېگرا رايونلاردا بىر قانچە قېتىم بىرلەشمە ھەربىي مەشىق ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال يۇقىرىقى بۇ ئىككى رايوندىكى قامالنىڭ يەنىمۇ ئارتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە بۇ ھەربىي مەشىقلەرنىڭ خىتاي تىلىدا «چىيەنتاڭ» تەبىئىي رايونى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چىڭخەي بىلەن چىگرالىنىدىغان ئالتۇن تاغ تەبىئىي رايونى قاتارلىق 3 چېگرا رايوندا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە بۇ مەشىقلەردە يېڭى تۈردىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ سىناق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ۋە چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى خەۋپسىزلىك قىسىملىرى ئۈچۈن تىبەتچىدە «گارى» دەپ ئاتىلىدىغان چېگرا رايونىدا مەخسۇس بىر ھەربىي مەشىق رايونى تەسىس قىلىنغاندىن باشقا، بۇ تەبىئىي رايونلارغا ھەرقانداق بىر گۇرۇپپا ۋە شەخسىنىڭ كىرىشىمۇ قەتئىي چەكلىنىدىكەن.
«خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى» نىڭ خەۋىرىدە مۇلاھىزە قىلىشىچە، يۇقىرىقى بۇ 3 تاغلىق چېگرا رايوندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت رايونلىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قامال قىلىنغانلىقى ۋە بۇندىن كېيىن چېگرا ئاتلاپ خىتايدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ ئىمكانسىز ھالغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
تېخى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونى بىلەنمۇ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالاپ، ئىككى رايون ئارىسىدىكى خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكچى بولغان ئىدى.
