ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر 1‏-ئۆكتەبىر كۈنى بىريۇسسېلدا «خىتاينىڭ 70 يىللىق باستۇرۇشقا قارشى ئەركىنلىك نامايىشى» قىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى 1‏-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ياۋروپادىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا «خىتاينىڭ 70 يىللىق باستۇرۇشقا قارشى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك نامايىشى» ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار 26‏-سېنتەبىر كۈنى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، نامايىشنىڭ خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىشقا خاتىمە بېرىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا نامايىشقا خوڭكوڭ ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى شۇنداقلا كومپارتىيەنىڭ 70 يىللىق باستۇرۇشىنىڭ قۇربانلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلىدىغانلىقى ۋە خىتاينىڭ پۇقرالارنىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقى ھەم ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

باياناتتا يەنە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پەرقلىق بىر خەلق سۈپىتىدىكى مەۋجۇتلۇقى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. شۇنداقلا «ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى دىنىي ۋە ئېتنىك كىملىكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يوقىتىلىشقا دۇچ كەلمەكتە،» دېيىلگەن. 

خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى ۋىنچېنت مەتتېن «خىتاي تىبەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي، تىبەت كىملىكىگە شەپقەتسىزلىك بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تىبەتتىكى مەسىلىنى ئېتىراپ قىلىپ ۋە دالاي لامانىڭ تىبەت خەلقىنىڭ تۈپ ھەق-ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدىكى سۆھبەت چاقىرىقىغا جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك،» دېگەن.

باياناتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى باستۇرۇشىغا قارشى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ھەم پرىنسىپال ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ قىلمىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك ئىكەن. باياناتتا «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم خىزمىتىگە ئايلىنىشى ۋە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سىستېمىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك،» دېيىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت