خىتاي مائارىپ مىنىستېرلىقى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت سىنىپلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان

ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا خىتاي مائارىپ مىنىستېرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكە-شەھەرلىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئېچىلغان «شىنجاڭ سىنىپلىرى» بىلەن «شىزاڭ سىنىپلىرى» نى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.

خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇقتۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىچكىي ئۆلكىلەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەسىس قىلىنغان "شىنجاڭ سىنىپلىرى"بىلەن "شىزاڭ سىنىپلىرى" دىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىك ماتېرىياللىرى ئۇلار بىلەن بىللە مېڭىشى كېرەك».

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1985-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىدە تىبەتلەر ئۈچۈن «شىزاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى»، «شىزاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى» تەسىس قىلغان. 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى» تەسىس قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي مائارىپ مىنىستېرلىقىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىشى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى ئىدىيە جەھەتتىن ماڭقۇرتلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى، دەپ ھېسابلىماقتا.