خوتەن ساقچىلىرى ئۇيغۇرلار ياسىغان تىك ئۇچارنىڭ ئۇچۇشىغا يول قويمىدى
2013.04.19
تور بېكەتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 18-ئاپرېل كۈنى ئەتىگەندە خوتەن «ئۇزۇن سەپەر رېمونتخانىسى» دىكى ئۇيغۇرلار ياسىغان تىك ئۇچار ئايروپىلان خوتەندىكى ئىقتىساد تەرەققىيات رايونىدا تۇنجى قېتىم ئۇچۇش سىنىقى ئېلىپ بېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.
ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شۇ كۈنى مەيدانغا توپلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ زىيادە كۆپلۈكى دائىرىلەرنى ئەنسىرەتكىنى ئۈچۈن، خوتەن ساقچىلىرى تىك ئۇچارنىڭ ھاۋادا داۋاملىق ئۇچۇش مەشىقى ئېلىپ بېرىشنى چەكلىگەن. نەتىجىدە رېمونتخانىدىكىلەر تىك ئۇچارنى چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىغا بېسىپ ئۇچۇش مەيدانىدىن ئايرىلغان.
يېقىندىن بۇيان تور بېكەتلىرىدە، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ياسالغان ئاپتوموبىل، ئايروپىلان قاتارلىقلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر بارغانچە كۆپەيمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، خوتەندە ياسالغان تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن ئىلگىرى تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ياسالغان تۇرپان1، تۇرپان 2 قاتارلىق ئايروپىلانلار ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن بولۇپ، تۇرپان 1 ئۇچۇش سىنىقىدا مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما تۇرپان2نىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
خىتاينىڭ خەلق تورىنىڭ 19-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيە توغراق يېزىسىدىكى 30 ياشلىق دېھقان شىرئەلى ئەمەتنىڭمۇ كىچىك تىپتىكى بىر ئايروپىلان ياساپ، ئايروپىلاننىڭ 80% قىسمىنى ياساپ پۈتتۈرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، شىرئەلىنىڭ 70 مىڭ سوم سەرپ قىلىپ ياساۋاتقان بۇ ئايروپىلانىنى دېھقانچىلىق دورىلىرىنى چېچىش ياكى ئورمانلىقتا يۈز بېرىدىغان ئوت ئاپىتى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.