ئۇيغۇر دىيارى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك سانائەت بازىسىغا ئايلاندۇرۇلماقچى

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت زاۋۇت ئىجارىسىنى كەچۈرۈم قىلىش، تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كىيىم-كېچەك زاۋۇتلىرىنى قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلاردا يېڭىدىن زاۋۇت ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرىدىكەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت زاۋۇت ئىجارىسىنى كەچۈرۈم قىلىش، تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كىيىم-كېچەك زاۋۇتلىرىنى قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلاردا يېڭىدىن زاۋۇت ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى لياڭ يۇڭ بۇ قېتىمقى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك بازىسى قۇرۇلۇشىغا لازىملىق تەخمىنەن 50 مىليارد سوم خىراجەتنىڭ پات يېقىندا ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭ بىلەن بۇ بازىدا يارىتىلغان خىزمەت ئورنى 110 مىڭغا يەتكۈزۈلىدىكەن.

«خىتاي تورى» نىڭ رۇسچە خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئۇيغۇرلار دىيارىنى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك بازىسىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۇيغۇرلار رايونىغا قوشنا بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيە بازىرىنىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ ھازىرقى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك سانائىتى دۆلەت ئىچى ئېھتىياجىنىڭ 20 پىرسەنتىنىلا تەمىن ئېتەلەيدىغان بولۇپ، قالغىنى ئاساسەن خىتاي بىلەن بولىدىغان ئىمپورت سودىسى ئارقىلىق تەمىنلىنىدىكەن. بۇنداق زور ئېھتىياج ئۈچۈن مال باھاسى ئەرزان بولغان ئۇيغۇرلار رايونىدا توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك بازىسى بەرپا قىلىش رۇسىيەنىڭ ئىمپورت سودىسى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلار دىيارىدىن چىقىدىغان پاختا پۈتكۈل خىتاي پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 60 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر زاۋۇتلاردا يېڭىدىن يارىتىلغان خىزمەت پۇرسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىمۇ مەنپەئەتلەندۈرىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org