ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تور ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى يېقىندا ئۇيغۇر مۇزىكا تورلىرىدىن ئىككىسىنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» غا زىيانلىق نەرسىلەرنى تارقاتقان، دەپ تاقىغان. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر تور پايلاقچىلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» غا زىيانلىق نەرسىلەرنى تارقاتقانلىقىنى بايقىغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تور ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى تاقاشنى بۇيرۇغان ئۇ ئىككى تور ئادرېسى www.muzika.com بىلەن www.653130.چوم ناملىق تورلاركەن. ئاپتونوم رايونلۇق تور ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى باياناتىدا، بۇ 2 تورنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر بۇ يىل 13-يانۋار تور پايلاقچىلىرىنىڭ پاش قىلىش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ ئىككى تورنىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى «تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى» بىلەن «تور مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش نىزامى» غا «خىلاپلىق قىلغانلىقى» نى بايقىغان.
ئەمما خەۋەردە، بۇ ئىككى مۇزىكا تورىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» غا زىيانلىق كونكرېت قانداق مەزمۇنلارنى تارقاتقانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار ئىلگىرى خىتاينىڭ «تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى» نى تەنقىدلەپ، مەزكۇر نىزام ئۇچۇر ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغىدۇ، دەپ تەنقىد قىلغان.
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئاپتونوم رايونلۇق تور باشقۇرۇش دائىرىلىرىنىڭ بۇ قارارى، رايوندا ئۇچۇر ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق بوغۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى. ئۇ، بۇ خىل كونتروللۇق ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا قاتتىق توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.