ئۇيغۇر رايونىدا تاراتقۇلارنى باشقۇرۇشتا يۇغۇرۇلما تەرەققىيات پىلانى يولغا قويۇلماقچى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016-10-19
Share

ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئورگان تىلى بولغان تەڭرىتاغ تورىدا بۈگۈن خەۋەر قىلىنىشىچە، دائىرىلەر تاراتقۇلارنى باشقۇرۇشتا يۇغۇرۇلما تەرەققىيات نامىدىكى يېڭى بىر پىلاننى يولغا قويماقچى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 18-ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭى تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزگەن.

يىغىندا ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋە مۇقىملىققا كېپىللىك قېلىش ئۈچۈن، ئاخبارات ۋە جامائەت پىكرى ساھەسىدە تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن ۋە يۇغۇرۇلما تەرەققىيات پىلانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش تەشەببۇس قىلىنغان. ئەمما، خەۋەردە يۇغۇرۇلما تەرەققىيات پىلانىنىڭ كونكرېت چارە-تەدبىرلىرى تىلغا ئېلىنمىغان.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر رايوندا يېقىندا يۈز بەرگەن بوزقىر ۋە مىسرانىم تورلىرىنىڭ تاقىلىشى، تور باشقۇرغۇچى ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ تۇتۇلۇشى، شۇنداقلا باغداش قاتارلىق ئالقىشلىق تورلاردا بەزەن ھۆكۈمەت چاقىرىقلىرىنىڭ ئورۇن ئېلىشىنى، ئەنە شۇ يۇغۇلما تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرائاتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراشماقتا.

بۇ خىل قاراشتىكى كۆزەتكۈچىلەردىن يولۋاس ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، يۇغۇرۇلما تەرەققىيات، خىتاي دۆلەت ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ۋە شەخسىي توربەتلىرىنى يۇتۇۋېلىش ۋە ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش جەريانىدۇر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت