خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە خەلقئارالىق قاتناش ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتمەكتە.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئۈرۈمچىدە «خەلقئارا تاشيول تىرانسپورت بىرلەشمىسى» (IRU) تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئىككىنچى چوڭ «خەلقئارا تاموژنا ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى» نى ئىشقا كىرىشتۈرگەن.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، «خەلقئارا تاموژنا ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ‹ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى›نى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئۇ يېڭى ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقى خام ئەشيا ئوبوروت قانىلىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدىكەن.»
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ تاشقى سودا پائالىيەتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە باشقا سودا ئىختىلاپلىرى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا ھەم ياۋروپا بازىرىدا ھەر تۈرلۈك چەكلىمە، جازا تەدبىرلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان بىر شارائىتتا، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋە بۇ ئارقىلىق ياۋروپاغا ئېچىلىدىغان مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ھەم تاشقى سودا دەرۋازىسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىشنى قاتتىق كۈچەيتكەن ئىدى.
خىتاينىڭ قەشقەر قاتارلىق جايلاردا قۇرغان «ئەركىن سودا سىناق رايونى» مۇ خىتاينىڭ پاكىستان ئارقىلىق دېڭىز يولى سودىسىنى ئېچىش، ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق ياۋروپا بازىرىنى ئېچىش نىشانىنى كۆرسىتىپ بەرگەنىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى «خەلقئارا تاموژنا ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى» نىڭ بىرىنچىسىنى بۇ يىل 5-ئايدا «ئەركىن سودا رايونى» قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق رايون بولغان قەشقەردە قۇرغان ئىكەن.
