«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ نىڭ 2-قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى 10-سېنتەبىر باشلاندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-09-10
Share

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان-قىلمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشنى مەقسەت قىلغان لوندون «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 2-باسقۇچلىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى 10-سېنتەبىر باشلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 13-سېنتەبىرگە قەدەر داۋاملىشىدىغان 2-باسقۇچلىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى داۋاملىق تەتقىقەتچىلار، مۇتەخەسىسسلەر، ئادۋوكاتلار، پائالىيەتچىلەر ۋە شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان رايوندىكى باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەم ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىغا ئائىت دەلىللەرنى كۆزدىن كەچۈرىدىكەن.

مەزكۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ 1-باسقۇچلىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى بۇ يىل 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن. 1-باسقۇچلىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا جازا لاگېرلىرىدىكى قىيىن-قىستاق ۋە باسقۇنچىلىققا ئائىت دەلىللەر ئاڭلاپ ئۆتۈلگەن ئىدى. ئەنگىلىيە «سىكاي خەۋەرلىرى» نىڭ 10 سېنتەبىر خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش سوتچىسى، ئاتاقلىق ئادۋوكات سىر جېفرېي نايىس «بىز پەقەتلا بارلىق پاكىتلارغا قاراپ چىقىپ، قانۇنلارغا تەدبىقلايمىز شۇنداقلا نېمىلەرنىڭ ئىسپاتلانغانلىقىغا قارار قىلىمىز،» دېگەن.

بىراق مەزكۇر خەلق سوتى خىتاي دائىرىلىرىنى ئىزچىل بىئارام قىلىپ كەلدى. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 9-سېنتەبىر ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، لوندوندا ئېچقلماقچى بولغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا ھۇجۇم قىلغان.

«سىكاي خەۋەرلىرى» نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى ئەلچىسى جېڭ زېگۇاڭ دەلىللەرنىڭ «يالغانچىلىق ۋە ساختا ئۇچۇردىن باشقە نەرسە ئەمەسلىكى» نى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، «ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى» ماھىيەتتە «خىتاينىڭ ئىناۋىتىگە دەخلى قىلىشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي مونوپوللۇق» ئىكەن. بىراق سىر جېفرېي نايىس: «ئەگەر باش ئەلچى بۇنداق ئاخبارات يىغىنلىرىنى ئېچىش ئورنىغا سوتقا قاتنىشىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ۋاكالەتەن ئ‍ۆزىنىڭ نۇقتىئىينەزەرىنى بايان قىلغان بولسا، تېخىمۇ ئوبدان بولاتتى،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت