ۋىلسون مەركىزى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1937-يىلى قەشقەردە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان ئەسكەرلىرىنى باستۇرۇش بويىچە چىقارغان مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارا قىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.12.11


باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ۋىلسون تەتقىقات مەركىزى يېقىندا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 1937-يىلى 17-ماي كۈنى چىقارغان بىر پارچە مۇتلەق مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارا قىلغان.

مەزكۇر ھۆججەتكە ستالىننىڭ ئىمزاسى قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ 3 نۇسخىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىيە مىنىستېرى ۋوروشىلوف، سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت خەۋەپسىزلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى يېژوف ۋە سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇداپىيەسىگە مەسئۇل گېنېرالى يۇرىتىسكىيگە ئەۋەتىلگەن.

ھۆججەتتە قەشقەرىيەدىكى داۋالغۇپ تۇرغان ۋەزىيەتنى تىنجىتىش ئۈچۈن سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ 6 دانە يېڭى تىپتىكى قىرغۇچى ئايرۇپىلانى بىلەن 6 دانە برىنوۋىك ماشىنى ئەۋەتىپ، شېڭ شىسەيگە ياردەم قىلىش قارار قىلىنغان. ھۆججەتتە يەنە ئەگەر شېڭ شىسەي ئارمىيەسى قەشقەردىكى ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالمىسا، يەنى ۋەزىيەت داۋاملىق يامانلاشسا موسكۋانىڭ بۇيرۇقى بويىچە رۇس ئۇچقۇچىلىرىڭ قىرغۇچى ئايرۇپىلاننى ئىشقا سېلىشى ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتتا يەنە گېنېرال فېدىننىڭ ھەربىي مەسلىھەتچى سالاھىيىتى بىلەن دەرھال قەشقەرىيەگە بېرىپ شېڭ شىسەي ئارمىيەسىگە ھەمدەمدە بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.

تارىخىي ئەسلىمىلەردە 1937-يىلى سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ تورغات چېگراسى ئارقىلىق قەشقەرىيەگە بېسىپ كىرىپ ئابدۇنىياز كامال بىلەن ما خۇسەن قوماندانلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان ئەسكەرلىرىنى تارمار قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئەسلىمىلەردە يەنە سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ قىرغۇچى ئايرۇپىلان ۋە تانكىلارنىڭ ھىمايىسى بىلەن قەشقەر، ئاقسۇ ۋە خوتەن رايونىدا شىددەتلىك قىرغىن ئېلىپ بارغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.

تارىخچىلار، مەزكۇر ھۆججەت سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ 1937-يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا ئىككىنچى قېتىم مەخپىي ئەسكەر كىرگۈزىشى ۋە جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان قانلىق قىرغىنچىلىقىنىڭ سىرىنى چۈشىنىشتە مۇھىم مەنبەلىك رول ئوينايدۇ، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.