غۇلجىدا بىر ئۇيغۇر ياش ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.04.14

14-ئاپرېل غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى 23 ياشلىق ئارافات ئابلىمىت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياش ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. مەزكۇر بۇيرۇقىنىڭ فوتو كوپىيىسى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا تارقالغاندىن كېيىن، تورداشلار ئارىسىدا مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولماقتا.

غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى تارقاتقان ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، ئارافات ئابلىمىت مەلۇم دوختۇرخانىنىڭ جىددىي بۆلۈمىدە داۋالىنىۋاتقان دوستىنى يوقلاپ ئۇ ياتقان بۆلۈمگە كىرمەكچى بولغان، ئەمما ئۇ دوختۇرلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. شۇ ئەسنادا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا جېدەل چىقىپ، بۇ ئۇيغۇر ياش «پىچاق بىلەن ئىككى داۋالاش خادىمىنى يارىلاندۇرۇپ قېچىپ كەتكەن.»

ئۈندىداردىكى ئىنكاسلاردا، «جېدەلدە يارىلانغانلار خەنزۇ بولۇشى مۇمكىن. ساقچىلار ئۇقتۇرۇشىدا، ئارافاتنىڭ شۇ قەدەر غەزەپلىنىپ، ئىككى دوختۇرنى پىچاق بىلەن يارىلاندۇرۇشىغا سەۋەب بولغان كونكرېت ئەھۋالنى يازماپتۇ. ئەسلى جېدەلنىڭ چىقىشىدا دوختۇرخانىدىكىلەرنىڭ ئاراپاتقا بولغان مۇئامىلىسىدە كەمسىتىش خاراكتېردىكى مۇئامىلە بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش كېرەك ئىدى. ھازىر دوختۇرخانىلاردا ئىشلەيدىغانلار ئارىسىدا ئۇيغۇر بىمارلىرىنىڭ تىلىنى بىلىدىغان ئۇيغۇر دوختۇرلار ئاز» دەپ يازغان بولسا، يەنە بەزىلەر «ھۆكۈمەت مۇقىملىقىنى، ئىتتىپاقلىقىنى تەكىتلىدى، ئەمما دوختۇرخانا، سودا بازىرى، مېھمانخانىلاردەك مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ سۆز، ھەرىكىتىدىكى مۇقىملىققا، مىللەتلەر ئىتتىپاقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان تەرەپلەرگە تەدبىر قوللىنىلمىغاچقا، بۇ خىل ئەھۋاللار كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ» دەپ يازغان.

ئۇقتۇرۇش چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىن فەيسبوك، تۋىتتېر تورلىرىدا تارقالغاندىن كېيىن، ئۇقتۇرۇش مەزمۇنىغا قارىتا گۇمانى قاراشلار تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرىغا چىقتى.

بەزىلەر خىتاينىڭ «دوختۇرخانا، مەكتەپ قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا نۇرغۇن كەمسىتىش خاراكتېرلىك چەكلىمىلەرنى يولغا قويغان» لىقى بۇ خىلدىكى ئۇقتۇرۇشلارنىڭ ئاشكارا تارقىتىلغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.