تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئۇيغۇرلارھەققىدىكى بىر سوئالىغا 18-يانۋار كۈنى جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارىشى ۋە سەزگۈرلۈكىنى خىتاي دائىرىلىرىگە يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلار «خىتاي بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقى، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ‹تېررورچىلار› ۋە ‹رادىكاللار›دىن پەرقلەندۈرەلىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كەلمەكتە» ئىكەن. چاۋۇشئوغلۇ بۇ سۆزلەرنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ خەلق دېموكراتىك پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئال تىلەكچىسىگە بەرگەن جاۋابىدا تەكىتلىگەن. ئەمما ئۇ سۆزىدە بۇ لاگېرلارنى تاقاش، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە ھېچقانداق سۆز قىلمىغان.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە 3 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەت ئاھالىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان بۇ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن. پارلامېنت ئەزاسى گەرگەرلىئوغلى چاۋۇشئوغلۇغا سۇنغان 6 ماددىلىق تىلەكچىسىدە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ غايىب بولۇۋاتقانلىقى، چاۋۇشئوغلۇنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرى بار-يوقلۇقى، بۇ مەسىلىدە خىتاي ب د ت غا بېسىم ئىشلىتىۋاتقان ياكى ئىشلەتمەيۋاتقانلىقى، تۈركىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بار-يوقلۇقى، ئۇنىڭ خەلقئارا مۇنبەرلەردە نېمە ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستان» مەسىلىسىنى تىلغا ئالمايدىغانلىقى قاتارلىق سوئاللارنى سورىغان.
تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋۇشئوغلۇ يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2018-يىلى 9-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، بۇرۇن رەت قىلىنىپ كەلگەن «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ قانۇنى ئاساسى ھازىرلانغانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رادىكال گۇرۇھلار، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئالدىنىپ كەتكەن خىتاي پۇقرالىرىنى جەمئىيەتكە قايتۇرۇپ كېلىش مەقسىتىدە بۇ لاگېرلارغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا تۈركىيە ۋەكىلىنىڭ سۆز قىلىپ، «كىشىلەرنىڭ قانۇنى ئاساسسىز قاماققا تاشلىنىشى، ئائىلە ۋە جەمئىيەت بىلەن بولغان بېغىنىڭ كېسىلىشى قاتارلىق تۈپ ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى بوغىدىغان مەمۇرى تەدبىرلەردىن قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. چاۋۇشئوغلۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ھازىرغا دەر تۈركىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بىرمۇ ئۇيغۇر يوق ئىكەن.
