خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى «دۆلەت دەرۋازىسىدىكى شەمشەر 2016» ناملىق ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش مەخسۇس بىرلەشمە ھەرىكىتى باشلىغان بولۇپ، خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر مەخسۇس ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىقى نۇقتىسى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى قوغداشنى چۆرىدەيدىكەن.
شۇنىڭدەك يەنە بۇ نۇقتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىقتىسادى بىخەتەرلىك، مۇھىت ۋە باج بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىشمۇ ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
خەۋەرلەردىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن بىر يىلدا پۈتۈن ئۇيغۇر رايونى بويىچە 167 مىليون سوم قىممىتىدىكى 18 ئەتكەسچىلىك دېلوسى پاش قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قىممىتى 128 مىليون سومغا تەڭ، 553 مەمۇرىي قانۇنغا خىلاپ ئەتكەسچىلىك دېلوسى بىر تەرەپ قىلىنغان.
ئۆتكەن يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش: قورال-ياراق، ئوق-دورا، زەھەرلىك چېكىملىك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 ساھە بويىچە ئېلىپ بېرىلىپ، 18 دېلو پاش قىلىنغان ئىكەن.
«شىنجاڭ تورى»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بۇ يىلقى مەزكۇر ھەرىكەتتە «ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات ماتېرىياللىرى ئەتكەسچىلىكىگە قاتتىق زەربە بېرىدىغان»لىقمۇ كۆرسىتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە، ئۇيغۇر رايونى بويىچە كەڭ كۆلەمدە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش ۋە مۇقىملىقنى قوغداشنى شوئار قىلغان ھەر خىل شەكىلدىكى ھەرىكەتلەر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىگە سىرت بىلەن ئىنتېرنېت ئارقىلىق ۋە باشقا تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇچۇر ئالاقىلىرىنى ئېلىپ بېرىشنى كونترول قىلىشنىڭمۇ كىرگۈزۈلگەنلىكى مەلۇم.
