جاڭ چۈنشيەن «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق» دېدى
2016.03.17
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن «خەلق گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ «شىنجاڭنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش-دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ» دېگەن.
ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پەقەت ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقىنى، مايىللىقىنى كۈچەيتىشكە، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق؛ كىشىلەرنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىپ، چېگرانى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق.»
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبىنى ئىزچىل ھالدا نامراتلىققا ۋە دىنىي رادىكاللىققا باغلاپ چۈشەندۈرۈپ كەلمەكتە. بىراق، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نارازىلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئەسكەرتىپ كەلگەن.
جاڭ چۈنشيەن ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىمسىزلىقنى «ئۈچ خىل كۈچلەر» دىن كۆرۈپ «شىنجاڭدا ‹ئۈچ خىل كۈچلەر› نىڭ بىز بىلەن خەلق ئاممىسىنى تالىشىش كۈرىشى يەنىلا كەسكىن» دەپ كۆرسەتكەن ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كۈچلەرگە قارشى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.









