دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا «تۇنجى نۆۋەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيە كۈنى» بويىچە بىر يۈرۈش سىياسىي پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرغان
2016.04.18
شىنخۋا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 15-ئاپرېل كۈنىنى «ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى بويىچە تەشۋىق-تەربىيە كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 12-ئاپرېلدىن باشلاپ ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە نازارەتلەر، ئۇنىۋېرسىتېتلار شۇنداقلا نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «دۆلەت بىخەتەرلىكى بويىچە ئومۇمىي خەلققە تەشۋىق-تەربىيە ئېلىپ بېرىش» پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرغان.
ئىگىلىنىشىچە، دائىرىلەر پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 300 مىڭدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت خىزمەتچىسىنى سەپەرۋەر قىلىپ، «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى»، «تېررورلۇققا قارشى قانۇن» ۋە «جاسۇسلۇققا قارشى قانۇن» لارنى تەشۋىق قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرگەنلىكى مەلۇم.
12-ئاپرېل كۈنى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا «دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ھىمايە قىلىش، پولات-تۆمۈردىن سەددىچىن سېپىلى بەرپا قىلىش» تېمىسىدا بىر يۈرۈش سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن.
15-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە 2000 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار سەپەرۋەر قىلىنىپ، بىرلىكتە خىتاي دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلاش، خىتاي بايرىقى ئاستىدا ئىمزا قويۇپ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا قەسەم بېرىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاتالمىش دىنىي ۋە مىللىي ‹ئاشقۇنلۇق› قا قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىش داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى سىياسىي تەشۋىقات جەھەتتە تېخىمۇ بەتتەر ‹ئاشقۇنلۇق› قا پېتىپ قالماقتا،» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.









