ئۇيغۇرغا ئوخشايدىغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر چۈشەنچىسى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.05.06

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش توغرىسىدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقى Vice تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارى ھەققىدە ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىمىدا تىپىك ھالدا ئەكس ئېتىدۇ. ئۇنىڭدا پويىزدا ئۈرۈمچىگە كېتىۋاتقان بىر خىتاي ئايال مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا قارىتا «ئۇيغۇرلار دېگەن تېررورچى. ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئەدەپلەپ ياخشى قىلىۋاتىدۇ» دەيدۇ. يېقىندا ئۇيغۇرلار دىيارىدا چوڭ بولغان لى جيانەن تەخەللۇسىدىكى بىر خىتاي كىشى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كەچۈرمىشلىرىنى «زىمىستان» ژۇرنىلى بىلەن ئورتاقلاشتى.

بۇ خىتاي كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ چىرايى ۋە تەقى-تۇرقى ئۇيغۇرغا بەكلا ئوخشايدىغان بولۇپ، بۇ خىل جىسمانىي ئوخشاشلىق 2017-يىلىدىن كېيىن ئۇنىڭغا بارغانسېرى كۆپ ئاۋارىچىلىك پەيدا قىلىشقا باشلىغان. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇمۇ باشقا خىتايلارغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنى بىر تۈرلۈك ئىجابىي ھەرىكەت، دەپ قارىغان. ئەمما ھەممىلا ياقنى قاپلىغان «ساقچى دۆلىتى» مېخانىزمى بەرپا قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن بۇ خىتاي نەچچە يۈز قېتىملاپ ساقچىلارنىڭ ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوقلا ئۆزىنى تەكشۈرۈشى، نەگە ماڭغانلىقى ۋە نېمە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوراقلار ۋە قايتا-قايتىلاپ كىملىك تەكشۈرۈشلىرىگە دۇچ كەلگەن. بىر قېتىم ئايرودرومدا ئايالى بىلەن كېتىۋاتسا ساقچىلار ئۇنىڭ پاسپورتىنى تەكشۈرمەكچى بولغان ھەمدە «شىنجاڭلىقلارنىڭ پاسپورت ئېلىپ يۈرۈشىگە بولمايدۇ» دېگەن. ئۇ ئەنە شۇ ئىشلاردىن كېيىن «تېررورچى ۋە ئەسەبىي» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە باشلىغان.

ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ۋە تور ساھەسىنى قاتتىق كونترول قىلىۋېلىشى سەۋەبلىك خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئاساسەن ھېچنەرسە بىلمەيدىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئويلاش ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمەيدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.