دەرېن بايلېر: «2009‏-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلىشىگە ھېچقانداق بوشلۇق قالمىدى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى، ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس دەرېن بايلېر ئامېرىكادىكى «ساپچاينا‏» ناملىق تور ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 1989‏-يىلىدىكى «تيەنئەنمېن ھەرىكىتى» خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى، لېكىن نۆۋەتتە ئىككى مىللەتنىڭ بۇ خىل ھەمكارلىق روھىنىڭ پۈتۈنلەي غايىب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دەرېن بايلېرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۆز ۋاقتىدا سۈرگۈندىكى ئۆكتىچى ئۆركەش دۆلەت، شائىر تاھىر ھامۇت، يازغۇچى پەرھات تۇرسۇندەك ئۇيغۇر ۋە قازاق ئوقۇغۇچىلار ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ، تيەنئەنمېن دېموكراتىيە ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ئۆز ۋاقتىدىكىدەك بىر ھېسداشلىق يوق ئىكەن. ئۇ، بېيجىڭ «ماركسىزمچى ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبى» دەك ئىشچىلار ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار گۇرۇھلىرىمۇ ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا قامىلىشى، خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىستېمىلىق زوراۋانلىقىغا سۈكۈت قىلماقتىكەن.

دەرېن بايلېر «ئۇيغۇرلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە تيەنئەمېن مىراسى ھەققىدە ئەسلىمە» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، بۇ ۋەزىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدا 2009‏-يىلى يۈز بەرگەن «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدا 2009-يىلى يۈز بەرگەن نارازىلىق ئۇيغۇر تارىخىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ نۇقتىسىدۇر. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق بىر ئاممىۋى ئىتائەتسىزلىك ھەرىكىتى بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىك ياكى تېررورلۇق قىلمىشىنىڭ بىرى، دەپ قارالدى. ئۇيغۇرلارغا ئەرز-شىكايەت قىلغۇدەك ھېچقانداق بوشلۇق قالمىدى».

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقىدەك كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشى، ئومۇميۈزلۈك تەقىبلەشكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان زوراۋانلىقنىڭ ئۇلىنى سالغان. دەرېن بايلېر، ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا دائىر ھادىسىلەر داۋاملىق كۈنتەرتىپكە قويۇلۇپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «دۇنيادىكى ئاممىۋى گۇرۇھلار داۋاملىق ئىسلام ۋەھىمىسى ۋە ئىرقچىلىقنىڭ يېڭى شەكىللىرىگە قارشى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرۇشى، بىز ھەممىمىز 30 يىل ئاۋۋال تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ئىنسانىيەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن قىلىنغان كۈرەشتە ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭ باراۋەر مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسلەپ تۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت