ئۇيغۇرلار دىيارىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي ھەرىكەتنىڭ بېشارىتى كۆرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-07-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇش سىياسىتى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كېلىۋاتقاندا يەنە بىر قېتىملىق يېڭى سىياسىي دولقۇننىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 11-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 6-ئىيۇندىن 15-ئىيۇنغىچە ئۆلكە دەرىجىلىك 65 نەپەر رەھبىرىي كادىر يېپىق شەكىللىك ئۆگىنىشكە تەشكىللەنگەن. پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو بۇ جەرياندا ئىككى نۆۋەت مەخسۇس كۆرسەتمە خاراكتېرلىك لېكسىيە بەرگەن. ئۇلار بۇ جەرياندا شى جىنپىڭنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى ھەمدە «شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم يوليورۇقلىرى» نى ئۆگەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «مەسىلىنى چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش، مەنبەسىنى قېزىش، ئۆگىنىشنى ئەڭ ئىچكى يۈرەك-باغرىغىچە يەتكۈزۈش» كە تەشكىللەنگەن.

ئىيۇننىڭ بېشىدىن تارتىپ ھەرقايسى جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر شى جىنپىڭنىڭ «ئەجدادلارنىڭ ئارزۇسىنى ئۇنتۇماسلىق، بۇرچنى مەھكەم ئەستە ساقلاش» تېمىسىدىكى تەربىيە خىزمەت يىغىنىنى ئومۇملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، «شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك بەرپا قىلىشتەك باش نىشاننى قېتى ئىجرا قىلىش» چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «بۇ ھال خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش ‹ئىجتىمائىي مۇقىملىق› نامىدا يەنە بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت