خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا شەخسلەر ۋە قاتناش ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىدىغان يېڭى گپس سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغان
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا نەرسىلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر خىل يېڭى گپس سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان. مەزكۇر سىستېما ئۆتكەن دۈشەنبە كۈندىن باشلاپ رەسمىي ئىشقا كىرىشكەن.
-
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-09-02 -
-
-
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا نەرسىلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر خىل يېڭى گپس سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان. مەزكۇر سىستېما ئۆتكەن دۈشەنبە كۈندىن باشلاپ رەسمىي ئىشقا كىرىشكەن.
خىتاي «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ 90 % زېمىنىنى قاپلايدىغان بۇ سىستېما يېرىم مېتىر چوڭلۇقتىكى نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرسىتەلەيدىكەن. «شىنجاڭنىڭ ئىزچىل ھەرىكەت ھاۋالە سىستېمىسى» دەپ ئاتالغان بۇ گپس سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 169 پونكىتى ۋە مەلۇمات مەركىزى بار بولۇپ، خەۋەردە بۇ سىستېما «ئۇيغۇر رايونىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى ئۈنۈملۈك قورال» دېيىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى «5 -ئىيۇل ۋەقەسى»دىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا ئېلېكترونلۇق نازارەتنى كۈچەيتىپ، كوچىلارغا كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورۇنلاشتۇرۇش، كرىدىت كارت، ئېلىكتونلۇق كىملىك ئارقىلىق نازارەت قىلىش، تورنى كۆزىتىش، تېلېفون ئالاقىسىنى كونترول قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى كۈچەيتكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چارلاش ۋە خەرىتىگە ئېلىش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىنژېنېرى مىڭ چېڭۋېي، بۇ سىستېما «بىزنى شىنجاڭنىڭ قاتنىشىنى، خۇسۇسەن خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىل يوللىرىنى نازارەت قىلىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېگەن.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ سىستېما يەنە قوراللىق ساقچىلار ۋە ئالاھىدە قىسىملارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى شەھەرلەردە ئۈنۈملۈك ھەرىكەت ۋە چارلاش ئېلىپ بېرىشىنى قولايلاشتۇرىدىكەن.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا پۇقرالارغا قاتتىق جىسمانىي كونتروللۇق، ئېلېكترونلۇق نازارەتنى يولغا قويۇپ، ئۇلاردا ئېغىر پىسخىلوگىيەلىك بېسىم پەيدا قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ شەخسى تۇرمۇشى، پائالىيىتى، سۆز ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىگە ئېغىر دەخلى قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.