ئۇيغۇر رايونىدىكى تەقىپ-نازارەت سىستېمىسىدا ساقچىلار پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىدىكى ئىچكىي ئەھۋاللاردىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2023.10.11

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورى 11-ئۆكتەبىر كۈنى چىقارغان بىر خەۋەردە، يەركەن ناھىيە ئىگەرچى ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى ئالىم نىزامىدىننىڭ «ئىش-ئىزلىرى» تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ 2015-يىل ساقچى بولغاندىن بۇيان «بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ»، باشقۇرۇش تەۋەسىدىكى خەلقنىڭ «ھالىدىن خەۋەر ئالغان». ئۇنىڭ بۇ تىڭ-تىڭلاش خىزمىتى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، 655 ئۆيلۈك ئاھالىسى بار بىر كەنت خەلقنىڭ ئىچكىي ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرغان.

ئالىم نىزامىدىن كەنت ئاھالىلىرىگە يېقىنلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىچكىي سىرىنى بىلىشتە ئۇلارغا ھەر ۋاقىت ياردەم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللانغان؛ «خەلق قەلبىنى مايىل قىلىش» نى ئۆز خىزمىتىنى بىمالال قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاساسى دەپ بىلگەن.

بۇ خەۋەردە، ئالىم نىزامىدىننىڭ «جەمئىيەت مۇقىملىقى» نى ساقلاشتىكى تۆھپىسى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇشۇنداق يەرلىك ۋە ھۆكۈمەتكە سادىق «ئاساسىي قاتلام ساقچىلىرى» غا نەقەدەر ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، ئالىم نىزامىدىننىڭ بۇ جەھەتتە ئۈلگە بولالايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى خەلقنى كونترول قىلىشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن تەقىپ-نازارەت سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ خەۋەردىن خىتاينىڭ يەرلىك ساقچىلاردىن تارتىپ كامېرا-ئۈسكۈنىلەرگىچە ھەممىنى ئىشقا سالىدىغانلىقى، ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇشقاق، ھەتتا كىشىلەرنىڭ ئائىلە سىرلىرىمۇ خىتاينىڭ نازارىتىدىن چەتتە قالمايدىغانلىقى كۆرۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.