ئۇيغۇر ئېلىدا «كادىرلارنىڭ ئامما بىلەن تۇغقان بولۇش پائالىيەتلىرى» باشلاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.10.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى مۇقىملىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مىللەتلەرنى ئىتتىپاق قىلىشنىڭ تۈرلۈك چارە-تەدبىرلىرىنى قوللانماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا «ھەر جاي، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئامما بىلەن تۇغقان بولۇش» پائالىيەتلىرى باشلانغان.

تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 16-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرلارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»پائالىيىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلغان.

يىغىندا ئېلان قىلىنغان قارارغا ئاساسەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلاردىكى 110 مىڭ كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت ۋە ئوبلاستتىكى ئامما بىلەن تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىكەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا «بىرگە-بىر تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش» ئۇسۇلى قوللىنىلىدىغان بولۇپ، «خەنزۇ كادىرلار بىلەن ئاساسىي قاتلامدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى، ئاز سانلىق مىللەت كادىر ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن ئاساسىي قاتلامدىكى خەنزۇ ئاممىسى ياكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى» تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىكەن.

تۇغقاندارچىلىق ئورنىتىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن ئۆلچەم بويىچە، كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن ئاساسىي قاتلام ئاممىسى ئەڭ ئاز دېگەندە ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم كۆرۈشۈپ تۇرۇشى، كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئۆيىگە بېرىشى ياكى ئۇلارنى ئۆز ئۆيىگە مېھمان بولۇپ كېتىشكە چاقىرىشى كېرەك ئىكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا بۇنى «بىر سۈنئىيلىك تۈسى ئالغان پائالىيەت » دەپ باھالىدى. ئۇلار، ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق مەجبۇرىي ۋە سۈنئىي ئۇسۇللار ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يارىتىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بىر جەمئىيەتتە پەقەت باراۋەرلىك ۋە ئادىل سىياسەت بولغاندىلا تىنچلىق ۋە ئىناقلىق شەكىللىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.