بۇ يىل قىش پەسلى ئۇيغۇر ئېلىدە 320 مىڭ دېھقان ھەر خىل كەسىپلەر بويىچە تەربىيىلىنىدۇ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل 10‏-ئايدىن كېلەر يىلى 4‏-ئايغىچە بولغان دېھقانچىلىقنىڭ دەم ئېلىش پەسلىدە 320 مىڭ دېھقاننى كۇرسقا تەشكىللەپ، ئۇلارنى ھەر خىل كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتى-شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ يەرلىك دائىرىلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، دېھقانچىلىقنىڭ دەم ئېلىش پەسلىدە شەھەر-بازارلارغا كىرىپ ئىشلەشنى خالايدىغان دېھقانلار بۇ پروگراممىغا قاتناشسا بولىدىكەن.

مەزكۇر پىلاننى سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئاشكارىلىغان. خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر پىلان يەنىلا مۇقىملىق بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن.

يەرلىك دائىرىلەر ھازىرغا قەدەر دېھقانچىلىقنىڭ دەم ئېلىش پەسىللىرىدە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ھاشارغا تۇتۇپ، ھاشارنى رەت قىلغانلارغا جەرىمانە قويۇش، بەزىدە «ئاشقۇنلۇق خاھىشى» بار، دېگەن قالپاق بىلەن ھەپتىلىك سىياسىي ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇشتەك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كەلگەن ئىدى.

لېكىن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ مەزكۇر پىلانىدا، دېھقانلار كېلەر يىلى 4‏-ئايغا قەدەر كىيىم تىكىش، ماشىنا رېمونت قىلىش، دېكوراتسىيە قىلىش قاتارلىق كەسىپلەرنى تاللاپ ئۆگەنسە بولىدىكەن.

ئۇيغۇرلار رايوندا ئىشسىزلىق نىسبىتى ئەڭ ئېغىر خەلق. بەزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا كەمسىتىشكە ئۇچرىشى رايوندا مۇقىمسىزلىق ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.