خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش ۋە كونتروللۇق تەدبىرلىرى يىللاردىن بۇيان تاشقى دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولغان بولسىمۇ، شۇ جايدىكى خىتايلارنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قانداق قارايدىغانلىقى ئانچە كۆپ تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى. يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناسلاردىن دوكتور دەررېن بايلېرنىڭ 4-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان مەخسۇس ماقالىسىدە بۇ مەسىلە تەپسىلىي بايان قىلىندى.
ئاپتور ئۇچراشقان خىتايلارنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ساقچىدىن نەقەدەر قورقىدىغان بولۇپ كەتكەنلىكى، يەنە كېلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «مۇقىملىق» سىياسىتىنىڭ ھازىر خىتايلارنىمۇ بىزار قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. شۇنداقلا نۆۋەتتىكى بۇ مەسىلىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئېلىشى لازىم، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جىنايى ئىشلار دېلوسى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ۋە تۈرمىدە ياتقان يەنە بىر خىتاي بولسا «خىتايلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلارنى تېررورچى، ئۇلارنى قاماش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئەمما مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۇيغۇر دېگەن شۇنچىلىك ئاق كۆڭۈل خەلق. ھازىر ئۇلارغا بەك ئۇۋالچىلىق بولۇۋاتىدۇ،» دېگەن. شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىدەك بىر سابىق جىنايى ئىشلار مەھبۇسىغا ھەرقانداق ئۇيغۇردىنمۇ بەكرەك ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئۇلارنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق ئاپتور نۆۋەتتە ھەممىلا جاينى قاپلىغان ساقچى دۆلىتى مۇھىتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق ئىنسانىي مۇئامىلىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ بۇ كىشىلەر ياشاۋاتقان ئاشۇنداق قاباھەتلىك مۇھىتنىڭ ھازىر بارا-بارا ئۇلارغا نورمال ھاياتتەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
ئاپتورنىڭ كۆزىتىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتايلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك تەدبىرى، دەپ قارايدىكەن. شۇنداقلا ھازىر قايتا-قايتىلاپ تەكرارلىنىۋاتقان سىياسىي شوئارلار ئاللىقاچان بۇ جايغا يەرلىشىپ بولغان كۆپ قىسىم خىتايلارنى ئاشۇ شۇئارلاردىكى مەزمۇنلارغا ئىشەندۈرۈپ بولغان ئىكەن.