يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ «ساقچىلارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەشەببۇسى ئەيىبلەندى
2013.11.19
يەر شارى ۋاقتى گېزىتى دۈشەنبە كۈنى مارالبېشى سېرىقبۇيا ۋەقەسى ھەققىدە ئېلان قىلغان باش ماقالىسىدە، «تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا ساقچىلارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نى تەشەببۇس قىلىپ، ئەينى چاغدا سېرىقبۇيا ساقچىخانىدا يۈز بەرگەن 23-ئاپرېل ۋەقەسىدىكى 15 ساقچى-كادىر ئۆلگەن ئەھۋال بىلەن ۋە 16-نويابىر ۋەقەسىدىكى ئۈچ ساقچى ئۆلگەن ئەھۋالنى سېلىشتۇرغان، ئەمما ۋەقەدە ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىغان.
ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى، 19-نويابىر كۈنى رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ «تېررورلۇققا زەربە بېرىشتە ساقچىلارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەشەببۇسىنى ئەيىبلىدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتى بولغان يەر شارى ۋاقتى گېزىتىدىكى بۇ تەشەببۇسنى ئەيىبلەپ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ بۇ تەشەببۇسى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك، لۈكچەكلىك قىلمىش»دېدى. ئىلھام توختى ئەپەندى سۆزىدە يەنە، دائىرىلەرنىڭ 16-نويابىر سېرىقبۇيا ۋەقەسىدە ساقچىلارنىڭ 9 نەپەر ئۇيغۇرنى بىراقلا قىرىۋېتىش قىلمىشىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.