خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا يەنە بىر تۈركۈم ئەمەلدارلارنى جازالىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

10‏-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر رايونىدا يەنە بىر تۈركۈم ئەمەلدارلارنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش، دېگەندەك ئەيىبلەشلەر بىلەن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقى ياكى جازالانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-ترانسپورت نازارىتىنىڭ ئەمەلدارى ئىلھام ئابلەت تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغان. ئىلھام ئابلەت قاتناش-ترانسپورت نازارىتىنىڭ 2 دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى ئەمەلدارى بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇ تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئېلانىدا ئۇنىڭ «قانۇنغا ۋە ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قانۇن ۋە ئىنتىزامغا كونكرېت قانداق خىلاپلىق قىلغانلىقى چۈشەندۈرۈلمىگەن. ئېلاندا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چارۋا ماللىرى كارانتىن ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى چىڭخۇئانىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى، ئۇنىڭمۇ «قانۇن ۋە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى 10‏-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان باشقا بىر ئۇقتۇرۇشىدا يەنە، «ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان 8 كادىرنى ئېلان قىلغان. بۇ 8 شەخسنىڭ 5 نەپىرى خىتاي، 3 نەپىرى ئۇيغۇر ۋە قازاق بولۇپ، ئۇلار خوتەن ناھىيەلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى مۇتەللىپ ئابدۇغېنى، چاپچال ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر ئايال كەنت كادىرى ئالتۇنئاي رامازان، ئالتاي شەھىرىدىكى ئىجتىمائىي رايونىنىڭ قازاق مىللىتىدىن بولغان پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارى قۇمىلە يەھيا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇلاردىن بەزىلىرىگە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن، بەزىلەر قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلىپ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت