خىتاي مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى چاڭ ۋەنچۈەن ئۇيغۇر ئېلىدە مەخسۇس زىيارەتتە بولغاندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى قاتتىق كۈچەيتىش ھەققىدە سۆز قىلغان. ئۇ، مۇقىملىقنىڭ «شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئىكەنلىكى» نى بىلدۈرۈپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن چېگرا مۇداپىئە قۇرۇلۇشى، چېگرانى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭنىڭ خەۋپسىزلىك، مۇقىملىق جەھەتتە يەنىلا مۇرەككەپ، جىددىي ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز، ئالاھىدە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تۈرلۈك چېگرا مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە خىزمىتىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، رەئىس شى جىنپىڭنى خاتىرجەم قىلىشىمىز كېرەك»
ئۇنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز سىياسەتلىرىدىكى خاتالىقلارنىڭ مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئىزچىل ھالدا ئىنكار قىلىپ، گۇناھنى ھە دېسە چەتئەللەردىكى ئاتالمىش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا، دىنى رادىكاللىق ۋە بۆلگۈنچىلىككە ئارتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىمۇ ئۆز دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى كۆپتۈرۈپ، ھەددىدىن زىيادە ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى.