خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئۆزلەشتۈرۈش تەتقىقات ئىنستىتۇتى» قۇردى
10-دېكابىر «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» دە «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئۆزلەشتۈرۈش تەتقىقات ئىنستىتۇتى» قۇرۇلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئورگاننىڭ ۋەزىپىسى «جوڭخۇا مەدەنىيىتى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆزلىشىشىگە چارە-تەدبىر ۋە پىكىر تەكلىپلەرنى بېرىش ئىكەن. بۇ ئورگاننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، بىناكارلىقى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋەيران قىلىپ، خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىشتەك «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە قۇرۇلۇشى دىققەت قوزغىدى.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 13-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئۆزلەشتۈرۈش ئىنستىتۇتى» نىڭ مۇھىم تەتقىقات يۆنىلىشى «مەدەنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ نەزەرىيەۋى تەتقىقاتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش تەتقىقاتى، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەتقىقاتى ۋە شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئىتىنىڭ تارقىلىش تەتقىقاتى، مەسلىھەت بېرىش ۋە تەربىيەلەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر» بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.
خەۋەردە يەنە بۇ ئورگاننىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇپ، «ئەنئەنىۋى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، ئىنقىلاب مەدەنىيىتى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ شىنجاڭدا تارقىلىشى ۋە كېڭىيىشىنى ھەر خىل شەكىللەردە ئالغا سۈرىدىغانلىقى، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆزىتىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ تەتقىقات ئورنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئىلگىرىلەپ ۋەيران قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرۇشنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى ۋە چارە-تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىدىكەن.