ئاۋسترالىيەلىك پائالىيەتچى درېۋ پاۋلونىڭ شەخسى ئېلخەت ھېسابىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى ئۇيغۇرلارنى خەۋپكە دۇچار قىلغان

يېقىندا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كەلگەن ئاۋسترالىيەلىك پائالىيەتچى درېۋ پاۋلونىڭ شەخسى ئېلخەت ھېسابى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. «ئاۋسترالىيە» گېزىتى 5-ئۆكتەبىر خەۋەر بېرىپ، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ درېۋ پاۋلو بىلەن ئالاقە قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى قولغا چۈشۈرۈۋالغان بولۇشى مۇمكىنلىكى، بۇنىڭ ئۇلارنى خەۋپكە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، درېۋ پاۋلونىڭ ئېلخەت ھېسابىنىڭ خاكلانغانلىقىنى بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرىمۇ دەلىللىگەن. ئۇلار خاككېرلارنىڭ ھېسابىغا 350 مىڭ دوللارلىق كىتاب توختامىغا ئائىت ساختا ئۇچۇر يوللاپ ئۇلارنى قىلتاققا چۈشۈرگەن.

«ئاۋسترالىيە» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر 350 مىڭ دوللارلىق كىتاب توختامىغا ئائىت ساختا ئۇچۇرنىڭ ئاۋسترالىيەلىك ئىككى كىشى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بىر بېيجىڭپەرەس پائالىيەتچى گۇرۇپپىنىڭ ئ‍ىجتىمائىي تاراتقۇ يوللانمىسىدا پەيدا بولغانلىقىنى ئېيتقان. درېۋ پاۋلو، ئۆزىنىڭ ئېلخەت ھېسابىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلار ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇرنىڭ ئانىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكى، چۈنكى بۇ ئۇيغۇرنى ئۆزىنىڭ ئىلگىرى تەتقىقات تېمىسى ئۈچۈن زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، درېۋ پاۋلونىڭ ئېلخەت ھېسابى خاككېرلىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئارقىدىنلا ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرنىڭ ئانىسى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. خەۋەردە، بۇ ۋەقە درېۋ پاۋلودا «ناھايىتى ئېغىر ۋىجدانى بېسىم» پەيدا قىلغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ ھۇجۇمنى خىتاي دۆلىتىنىڭ ۋاكالەتچىلىكىدىكى ئاكتيورلار قىلغان، دەپ قارايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئۇنىڭ «ئاۋسترالىيە» گېزىتىگە ئېيتىشىچە، «بۇ، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيە دېموكراتىيەسىگە ئېنىق ئارىلاشقانلىق ۋەقەسى» بولۇپ، «ئۇلار ئاۋسترالىيەدە مەقسەتلىك خىتاي كومپارتىيەسىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ ئىناۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا، ھۇجۇم قىلماقتا ۋە ئۇلارغا قارا سۈركىمەكتە» ئىكەن.