2022-يىلى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەدلىيە، ساقچى ئورۇنلىرىغا 3645 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىنىدىكەن

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2022-يىل ئۇيغۇر رايونىغا جەمئىيەتتىن 3645 نەپەر «دۆلەت خىزمەتچىسى» قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلار مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئارقىلىق تاللىنىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋىلايەت، شەھەر ناھىيە ۋە يېزا دەرىجىلىك مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا مەمۇر قوبۇل قىلغاندىن سىرت، ئاساسلىقى ھەرقايسىي جايلاردىكى ساقچىخانا، سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، تۈرمە باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا زور مىقداردا ساقچى خادىمى قوبۇل قىلىدىكەن. مەمۇر ۋە ساقچى خادىمى قوبۇل قىلىشتا ئۇلارغا يۇقىرى سىياسىي تەلەپ قويۇلىدىكەن. بۇ ئىشقا مەسئۇل ئادەملەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېيىن مەمۇرلۇق ئىمتىھانى تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتكە ھەقىقىي سادىق خىزمەتچىلەرنى تاللاپ، ھۆكۈمەتنىڭ فونكىسىيەسىنى كۈچەيتىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايوندىكى سوت، تەپتىش ۋە ساقچىخانىلارغا كۆپ ساندا مەمۇر ۋە ساقچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى، بۇندىن كېيىنمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا شەكىللەندۈرگەن «ساقچى دۆلىتى» سىستېمىسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقى، لاگېر ۋە تۈرمىلەرنىڭ ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىكەن.