خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئۈچ پەسلىدە 440 مىڭ ئادەمنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان»

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى داۋاملىق كېڭەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئۈچ پەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەھەر-بازارلىرىدا 440 مىڭ 500 كىشىنى ئ‍ىشقا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بىر يىللىق ۋەزىپىنىڭ 95.8 پىرسەنتىنى ئورۇنداپ بولغان. بۇ، رايوندىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش مۈشكۈل بولغان 28 مىڭ 200 كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. لېكىن ستاتىستىكا ئىدارىسى، بۇ كىشىلەرنىڭ كونكرېت قايسى كەسىپلەرگە، قايسى رايوندىكى كارخانا ۋە ئىش ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنى بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىڭلىغان ئۇيغۇرنى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى كارخانىلارغا يۆتكەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان. بەزى ئۇيغۇرلارنى ئ‍ۆزى تۇرۇشلۇق يېزا-كەنتلەردىكى خىتاي كارخانىلىرىغا مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرغان، كەڭ كۆلەملىك ناۋايچىلىق كارىخانىلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر ناۋايلىرىنى بۇ ئورۇنلارغا يىغىۋالغان. ئۇلارنى ئاز مىقداردا مۇئاشقا باغلىغان بولسىمۇ، بىراق ئەركىنلىكىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلغان. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە قارشىلىققا ئۇچرىغان. ئامېرىكا بۇ كارخانىلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن ئىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» غا بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر بۇ يىل كىرگەندىن بېرى، «نۇقتىلىق ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن…. . . ئىشقا ئورۇنلىشىش قاناللىرىنى كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە كۆپ شەكىللەردە كېڭەيتكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرى شەھەر-بازارلاردىكى تىزىمغا ئېلىنغان ئىشسىزلىق نىسبىتى 2.49 پىرسەنت بولغان.