باش مىنىستىر جېيسىندا ئاردېرن: «ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىدە سۆز قىلىش ئۆزىمىزنىڭ ئىشى!»
2020.07.21
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى دۇنيانىڭ كەسكىن تەنقىدىگە دۇچ كېلىۋاتقاندا يېڭى زېلاندىيەنىڭ باش مىنىستىرى جېيسىندا ئاردېرن خانىم ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدە ئۆزگىچە قاراشتا بولۇشىنىڭ ھېچكىمگە تاقاشمايدىغانلىقىنى ئاشكارا تەكىتلىدى.
يېڭى زېلاندىيەدىكى «خەۋەر مەركىزى» تورىنىڭ 20-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، جېيسىندا خانىم يېڭى زېلاندىيەدىكى خىتاي سودا ساھەسىگە قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇشلار ھەمدە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتى توغرىسىدا يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن پەرقلىق بولغان پىكىردە بولۇشىنىڭ ھېچقانداق غەيرىلىك بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «بىر مەسىلىدە ئوخشىمىغان ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان قاراشتا بولۇشىنىڭ ھېچقانداق ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. چۈنكى ھازىر خوڭكوڭدىكى، شىنجاڭدىكى ۋە تەيۋەندىكى ۋەزىيەت بىزدىن شۇنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 2019-يىلى ئاپرېلدا جېيسىندا خانىم خىتايدىكى خىزمەت زىيارىتىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باش مىنىستىر لې كېچياڭغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەسلەتكەن ئىكەن. بۇ قېتىم بولسا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئاشكارا ھالدا ئىپادە بىلدۈرگەندىن كېيىن خىتاينىڭ يېڭى زېلاندىيەدىكى باش ئەلچىسى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.