خىتاي، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەپ، ئىچكىرىدىن خىتايلارنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكىمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-03-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى يېزىلاردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن خىتايلارنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرماقتا. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئاۋۋال غۇلجا ناھىيىسىدىن 50 تەك ئۇيغۇر قىزنى جياڭسۇنىڭ نەنتوڭ، دېگەن يېرىدىكى كارخانىلاردا ئىشلەشكە يۆتكىگەن. دائىرىلەر تېخى ئۆتكەن ئايدىلا خوتەن شەھىرىدىن 233 ياشنى يۆتكىگەن. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى چاقىلىق ناھىيىسىگە بىر قىسمى فۇجيەن ئۆلكىسىگە يۆتكەلگەن ئىدى. غۇلجا ناھىيىلىك ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىدارىسى ئۇلارنى 1‏-مارت كۈنى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ تۇڭگان ئۈچۈن يېزىسىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ جياڭسۇغا يولغا سالغان.

غۇلجا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ مەزكۇر ناھىيەدىن بۇ يىل يۆتكەلگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» ئىكەن. دائىرىلەر بۇ يىل ئىچىدە ئىچكىرىگە بىرەر مىڭدەك «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» يۆتكەش پىلانى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. 

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىچكىرىدىن مەزكۇر رايونغا داۋاملىق خىزمەتچى قوبۇل قىلماقتا ئىكەن. قىزىلسۇ ئوبلاستى يېقىندا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن 85 نەپەر سىياسىي قانۇن خادىمى قوبۇل قىلغان. قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا سىياسىي قانۇن سىستېمىسىغا قوبۇل قىلىنغان 40 قا يېقىن خادىمنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلاردىن پەقەت 2 نەپىرى ئۇيغۇر ياكى باشقا يەرلىك مىللەتلەردىن ئىكەن. 

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ، ئىچكىرىدىن كەڭ كۆلەملىك خىزمەتچى قوبۇل قىلىشى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىرىدىن كەڭ كۆلەملىك خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا ئىچكىرىگە يۆتكەلگەن ياكى لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بوش قالغان ئورنىنى تولدۇرماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت