بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى يېقىندا ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر ئېلىغا قىلغان سەپىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلغان ئىدى. زىيارەت خاتىرىسىدە مۇخبىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاممىۋىي قۇرۇلۇشلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تىكەنلىك سىم توساقلارنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى، كوچا-كويلاردىكى بىرونېۋىك ۋە كامىرالار يوقالغانلىقى، نۇرغۇن تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ۋە ساقچى پونكىتلىرىنىڭ غايىب بولغانلىقىنى بايان قىلغان.
گەرچە مۇخبىر خەۋىرىدە رايوندىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ يەنىلا روشەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋھۇم بىر سىستېما ئىچىدە ھەر بىر ھەرىكىتى چەكلىنىپ ياشايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بۇ خەۋەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاياقلىشىپ، ھەممە ئىشلار نورمال ھالەتكە قايتتى، دېگەن مۇلاھىزىلەرنى قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.
ھالبۇكى، بۇنداق مۇلاھىزىلەرگە ئۇيغۇر تەتقىقاتى بويىچە تونۇلغان چەت ئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەر كېچىكمەستىن ئىنكاس قايتۇردى. ئۇلار تىۋىتتېردىكى ئىنكاسلىرىدا بۇنداق كۆز قاراشلارنى «ئىنتايىن خەتەرلىك» دەپ كۆرسەتتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر ئىنتايىن مۇھىم دوكلاتنىڭ يازغۇچىسى بولغان تەتقىقاتچى ۋىكى شۈ تىۋىتتېردا تۆۋەندىكىلەرنى يازغان: «بەزى ئىجتىمائىي تاراتقۇ كۆزنەكلىرىنىڭ بىر خەۋەر ئاساسىدا شىنجاڭدىكى ۋەھشىيلىكنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلماقچى بولۇشى، مېنى تولىمۇ ئەنسىرەتتى. شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەيرانچىلىقى پەقەت نەچچە يۈزلىگەن ‹قايتا تەربىيىلەش› لاگېرىدىن ئىبارەت ئەمەس، بەلكى ئۇ تۈپتىن ئۆزگەرتىلىۋاتقان ۋە تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغان بىر جەمئىيەتنىڭ پەقەت بىرلا تەرىپى. رايوندا بىر مىللەتنىڭ يەنە بىر مىللەتكە قارشى دۆلەتنىڭ قوللىشىدىكى زوراۋانلىق يۈرگۈزۈلىۋاتىدۇ. بۇ زوراۋانلىق ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ھېلىھەم تۈرمىلەردە قامىلىپ يېتىۋاتىدۇ. . .»
تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، تارىخشۇناس جېيمىس مىلۋارد ۋىكى شۈنىڭ يۇقىرىقىى سۆزىنى قوللاپ، بۇنى «ئىنتايىن زۆرۈر بولغان تۈزىتىش بولدى» دېگەن.
ئامېرىكادىكى يەنە بىر تونۇلغان سىياسىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى، تېكساس ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى شىنا گرېيتىنس خانىممۇ بۇ ھەقتە ئىنكاس يېزىپ: «بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ يېقىنقى خەۋىرى مېنى كۆپ ئويلاندۇردى. بىز بۇ يەردە دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان باستۇرۇش ۋاستىلىرىنىڭ بولماسلىقى دۆلەت كونترولىنىڭ بوشىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەكسىچە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان زوراۋانلىق دۆلەتنىڭ باشقا چارىسى قالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،» دېگەن.
