يەر شارى ۋاقىت گېزىتى: «يىراق غەربىي رايوندا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلىدۇ»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.11.20

بۈگۈن خىتايدا چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئىنگلىزچە سانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ يىل دېكابىردىن باشلاپ 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنىڭ يول قويۇلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنىڭ 3 يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن، 9 يىلى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن، قالغان 3 يىلى يەسلى-بالىلار باغچىسى ئۈچۈن ئىكەن. مەزكۇر گېزىتىنىڭ «يىراق چېگرادىكى ھەقسىز مائارىپ» ماۋزۇلۇق بۇ خەۋىرىدە 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا رادىكال ئىدىيەگە بوشلۇق قالدۇرۇلماسلىق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلىدىغان بۇ 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىمۇ ئورتاق پايدىلىنىدىكەن. خەۋەردە يەنە مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ رايوندا مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈلگەنلىكى ئىشارەتلەنگەن.

ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ مەسىلىسىنىڭ سان ئەمەس، ساپا مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ساپ مىللىي مائارىپتا تەربىيىلىنىش ۋە زامانىۋى بىلىملەرنى ئۆگىنىش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ئۇچقۇنجان ئەپەندى، «خىتاي ئەبەدىي ئەمىنلىك نامىدىكى مۇستەملىكىچى ئىستراتېگىيەدىن ۋاز كەچمىگىچە، بۇ يەردە ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق بىر ئىسلاھات ياكى تەڭشەش رايوندىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.