ئۇيغۇر ئېلى ئادۋوكاتلارنىڭ سوتتا گۇماندارلارنى ئاقلاشقا قاتنىشىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن رايون ئىكەن
2018.01.05
ئۇيغۇر ئىلى ئادۋوكاتلارنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىدا گۇماندارلارنى ئاقلاشقا قاتنىشىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن رايون ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 4-يانۋار شاڭخەيدىكى بىر ئادۋوكاتلىق ئورنى خىتايدىكى «جۈفا» ناملىق بىر ئەدلىيە كۆزىتىش ئورگىنى تەييارلىغان بۇ ھەقتىكى بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىنى چەتئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىدا ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش نىسبىتى ئاران 8.64 پىرسەنت ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئۇيغۇر ئېلىدا ئادۋوكاتلارنىڭ ھەر 100 دېلودىن ئاران 8-9 نى ئاقلاشقا ئىشتىراك قىلالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دوكلاتتا، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى مەملىكەتلىك ئوتتۇرىچە نىسبىتى 14 پىرسەنت ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغاندىن كۆپ پەرقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن قالسا، خىتاينىڭ خەينەن ئۆلكىسى بىلەن تىبەت ئاپتونوم رايونى ئادۋوكاتلارنىڭ ئاقلاش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن رايونلار ھېسابلىنىدىكەن. دوكلاتتا، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى نىسبىتى 6.4 پىرسەنت، تىبەتنىڭ 6.8 پىرسەنت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «جۈفا» ئەدلىيە تەكشۈرۈش ئورگىنى خىتايدا 2014-يىلدىن 2016-يىلغىچە بىر تەرەپ قىلىنغان جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى ستاتىستىكا قىلىپ، يۇقىرىقى خۇلاسىنى چىقارغان. دوكلاتتا، شاڭخەي شەھىرىنىڭ 22.94 پىرسەنتنى ئىگىلەپ، بۇ جەھەتتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ 2-ئورۇننى، بېيجىڭنىڭ 3-ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، يەرلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولارنى توردا ئېلان قىلىشى ئىزچىل بولمىغاچقا، بۇ دوكلاتتا بەزى خاتالىقلارنىڭ بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا خىتاي ئەدلىيەسىنىڭ نۇقسانلارنى ئېچىپ بېرىدىكەن.