خىتاي قۇربان ھېيت ھارپىسىدا ئۈرۈمچىدە ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن

خىتاي دائىرىلىرى قۇربان ھېيت ھارپىسىدا ئۈرۈمچىدىكى سودا ساراي، توپ تارقىتىش مەركەزلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاھالىلەر رايونلىرىدا قوراللىق چارلاشنى كۈچەيتكەن.

ئۇيغۇر رايونىدا ھېيت نامىزى 12‏-سېنتەبىر ئوقۇلىدۇ. بۇ يىللىق قۇربان ھېيت خىتاينىڭ «تاۋۇز چاغىنى» بىلەن بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قېلىپ، ئىدارە -جەمئىيەتلەر 7 كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

ئۈرۈمچىدىكى بەزى ئاھالىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇربان ھېيتنىڭ تاۋۇز چاغىنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىن، 21‏-سېنتەبىر باشلىنىدىغان ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قېلىشى خىتاي دائىرىلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىشقا يول ئاچقان.

ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر يەنە بۇ يىلمۇ ھېيت نامىزىغا بەزى چەكلىمىلەرنى قويغان. دائىرىلەر مەسچىتلەرگە ناماز ۋاقتىنى بېكىتىپ بېرىپ، ناماز ۋە خۇتبىنىڭ 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇنىڭدىن سىرت، مەمۇرى ئورگانلارنىڭ مىللىي كادىرلىرىنى ھېيت نامىزىدا ھەر قايسى مەسچىتلەردە كۆزەتچىلىككە قويۇپ، ھېيت نامىزىغا كەلگەن ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى تىزىملاشقا ئورۇنلاشتۇرغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىبادەت ئەركىنلىكىگە ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.