خىتاينىڭ «تاۋۇز چاغىنى» ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ ئومۇملاشتۇرۇلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.09.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ بىرى بولغان تاۋۇز چاغىنى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە بۇ ھال كەڭ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

مەزكۇر خەۋەر مۇنبىرىدە بېرىلگەن «تاۋۇز چاغىنىدا بازار ئايلىنىش» سەھىپىسىدىكى سۈرەتلەردە خىتايلارنىڭ دۆڭكۆۋرۈك بازىرىنى ئايلىنىپ بايراملىق سودا قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، مۇشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە خاس شەيئىلەرنى بايراملىق تەشۋىقاتىغا قوللانغان. يەكەن ۋە سانجى قاتارلىق جايلاردىكى تاۋۇز چاغىنى پائالىيەتلىرىگە ئاتالغان تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدا بۇ بايرامنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى» ئىكەنلىكى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» پائالىيىتى جەريانىدا ھەرقايسى ساھەدىكى كەڭ ئاممىنى بىرلىكتە تاۋۇز چاغىنى ئ‍ۆتكۈزۈپ بىرلىكتە ئاي توقاچ يېيىش، شۇ ئارقىلىق «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ جەزىبىدارلىقى» دىن ھەمبەھىرلىنىشى تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر بارلىق پائالىيەتلەرنى، جۈملىدىن مىللىي بايراملارنى چەكلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن مۇھاجىرەتتىكى مۇستەقىل ئانالىزچىلاردىن ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ ئورنىغا مۇشۇ خىلدىكى خىتايچە بايراملارنى دەسسەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە «خىتايلار ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ‹جۇڭخۇا كىملىكى›نى ئومۇملاشتۇرۇش نامىدىكى خىتايلاشتۇرۇش پائالىيىتىگە زور كۈچ سەرپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى چاغان (باھار بايرىمى) ئۆتكۈزۈشكە زورلىغان بولسا ئەمدى خىتايلار بىلەن بىرلىكتە تاۋۇز چاغىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، «تاۋۇز چاغىنى» خىتايلارنىڭ ئاسمان جىسىملىرىغا چوقۇنۇشتەك قەدىمىي ئادەتلىرىدىن قالغان بايرام بولۇپ، ئايغا چوقۇنۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان بۇ بايرام ھەر يىلى خىتاينىڭ قەمەرىيە كالېندارى بويىچە 8-ئاينىڭ 15-كۈنى باشلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ بايرام ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلايدىغان توقاچلىرى شۇ سەۋەبتىن «ئاي توقاچ» دەپ ئاتالغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.